ئۆلۈك دېڭىز

بىلىۋېلىڭ (2)

1879345
ئۆلۈك دېڭىز

ئۆلۈك دېڭىز

فەتھىيەدىكى ئۆلۈك دېڭىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل دېڭىز ساھىلى قىلىپ تاللانغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئۆلۈك دېڭىز، ئەگە دېڭىزى رايونىدىكى فەتھىيەگە جايلاشقان بىر ساياھەت ئورنىدۇر. ئۆلۈك دېڭىز، سىز كۆك رەڭنىڭ ھەر خىل تۈرىنى كۆرەلەيدىغان دېڭىزى، ئاپپاق قۇملۇق ساھىلى، ۋە تەبىئەتكە يوشۇرۇنغان تارىخىي خارابىلىكلىرى بىلەن  پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بىرىدۇر.  2006-يىلى «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قۇملۇق دېڭىز ساھىلى» بولۇپ باھالانغان ئۆلۈك دېڭىز، «<Blue Lagoon> كۆك لاگۇن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تارىخى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەرگىچە تۇتىشىدىغان ئۆلۈك دېڭىز، لىكيالىقلاردا «يورۇقلۇق ۋە قۇياش دىيارى»، ئوتتۇرا ئەسىردە بولسا «يىراق دىيار» دەپ ئاتىلاتتى. ئۆلۈك دېڭىز ساھىلى، «سۇ ئۈزۈش پۈتۈنلەي بىخەتەر ۋە پاكىز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان كۆك بايراق ساھىبىدۇر. ئىسمىدەكلا ھەرىكەتسىز، تۇرغۇن بىر كۆلگە ئوخشايدىغان ئۆلۈك دېڭىزنىڭ ئەڭ بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردىمۇ جىمجىتلىقى بۇزۇلمايدۇ. گەرچە دېڭىز شۇنداق تۇرغۇن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن پاكىزدۇر.  بۇلاق سۇلىرىنىڭ مەنبەسى، ئوچۇق دېڭىز ئېقىنى ۋە دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئۆلۈك دېڭىزدا ھېچقاچان بۇلغىنىش بولمايدۇ.

ئۆلۈك دېڭىزدا ئايلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلار ۋە ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. قىيالىق پاراشوتچىلىرى ئۈچۈن ئاۋات ئۇچۇش نۇقتىسى بولغان باباداغ تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان ئۆلۈك دېڭىز، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ھاۋارايى شارائىتى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى قىيالىق پاراشوت ساھەلىرىدىن بىرىدۇر. ھەيۋەتلىك تەبىئىي مەنزىرىسى، دالا سەيلىسى ئورۇنلىرى، پىيادە مېڭىش يوللىرى، مەززىلىك يېمەكلىرى، قىيالىق پاراشوتى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ساھەلىرىگە ئىگە ئۆلۈك دېڭىزنى ھەر يىلى خالىغان ۋاقىتتا زىيارەت قىلالايسىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر