تۈرك لوقۇمى

بىلىۋېلىڭ (1)

1876386
تۈرك لوقۇمى

تۈرك لوقۇمى

تۈرك لوقۇمىنىڭ يۈزلەرچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى ئوردا تائاملىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان تۈرك لوقۇمى يۈزلەرچە يىللىق تارىخقا ئىگە. مىلادىدىن بۇرۇنقى 226-يىلدىن 652-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پارس ئىمپېرىيەسىدە ھۆكۈم سۈرگەن ساسانىيلار دۆلىتى تەرىپىدىن دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان  تاتلىق «ئابھىسا»، تۈرك لوقۇمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، دەپ قارىلىدۇ.

ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدە تەخمىنەن 15-ئەسىردە قايتا بايقالغان تۈرك لوقۇمى، 17-ئەسىردە داڭ چىقىرىدۇ ۋە ھەممە ئىزدەيدىغان يېمەكلىككە ئايلىنىدۇ. 18-ئەسىردە، ساياھەتچىلەر ئارقىلىق ياۋروپادا تونۇلۇشقا باشلايدۇ ۋە يېتىپ بارغانلىكى ھەر بىر دۆلەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. تەلەپنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 1777-يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش باشلىنىدۇ. دەسلەپتە ھەسەل، مېۋە شەربىتى ۋە ئۇن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىلغان تۈرك لوقۇمى، كىراخمال ۋە ساپلاشتۇرۇلغان شېكەرنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر تەمدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.

تۈرك لوقۇمى، ئادەتتە تۈرك قەھۋەسى بىلەن بىرلىكتە ئىكرام قىلىنىدۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە، چاي ۋاقتىدىمۇ شېكەرنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىشقا باشلىغان تۈرك لوقۇمى، پېچىنە-پىرەنىكلەر ئارىسىدا مۇھىم يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ياڭاق، خاسىڭ، يەر ياڭىقى، دارچىن، قىزىلگۈل ۋە مېۋە-چىۋە بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تۈرك لوقۇمى، تۈرك تائاملىرىنىڭ ئەڭ لەززەتلىك ئەزاسى سۈپىتىدە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدىغان گۈزەل سوۋغاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر