مۇزېي - مېھمانخانا

بىلىۋېلىڭ - 41

1842202
مۇزېي - مېھمانخانا

مۇزېي - مېھمانخانا

ئىستانبۇلدىكى پېرا ​​پالاس مېھمانخانىسىنىڭمۇ  مۇزېي سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تەخمىنەن 130 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ گۈزەل بۇلۇڭىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ۋە گويا تارىخقا دۇئېل ئېلان قىلىۋاتقان پېرا ​​پالاس مېھمانخانىسى، داڭلىق مېھمانلىرىغا ئائىت ئەسلىمىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولغاچقا،  مۇزېي - مېھمانخانا سالاھىيىتىگە ئىگە.

پېرا پالاس مېھمانخانىسى نۇرغۇن تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىستانبۇلدىكى تۇرالغۇسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەقەلەرگىمۇ شاھىت بولدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، 1917-يىلدىن باشلاپ كۆپ قېتىم پېرا ​​ پالاس مېھمانخانىسىدا تۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانلىرىنى كۈتۈۋالغان. ئۇ تۇرغان 101- نومۇرلۇق ياتاق، ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىدا مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلدى. ئاتاتۈرك ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭلەر بىلەن بېزەلگەن ھۇجرىدا، ئۇنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرى، كىمئارتۇق سودىسىدىن سېتىۋېلىنغان كىتابلىرى، ژۇرناللىرى، ئىمزالىق فوتو سۈرەتلىرى ۋە ئوردېنلىرى قاتارلىق يادىكارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

پېرا پالاس مېھمانخانىسى، تارىختىن بۇيان ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغان چەت ئەل دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ تاللىشى بولۇپ كەلگەن. پېرا پالاس مېھمانخانىسىدا ئەڭ كۆپ تۇرغان شەخسلەردىن  بىرى بولغان ئاگاتا كرىستى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوقۇرمەنلىرى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان نۇرغۇن داڭلىق رومانلىرىنى مۇشۇ مېھمانخانىدا يازغان. ئاپتور دائىم تۇرغان 411-نومۇرلۇق ھۇجرىمۇ بۈگۈنكى كۈندە مۇزېي سۈپىتىدە زىيارەت قىلىنماقتا. پائال قۇنالغۇ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ مېھمانخانىدا يەنە، ئەتىرگۈل پۇرىقى ۋە يىپەكلەر بىلەن بېزەلگەن Greta Garbo يۈرۈشلۈك ئۆيى، خېمىڭۋاي كىتابلىرى بىلەن بېزەلگەن Ernest Hemingway يۈرۈشلۈك ئۆيى، خەلىج ۋە Pierre Loti مەنزىرىلىك يۈرۈشلۈك ئۆيى، زىيارەتچىلىرىگە جەزبىدارلىق ھالەتتە تارىخقا سەيلە قىلىش مۇلازىمىتى سۇنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر