سالدا كۆلى ئىلىم - پەن مەركىزى

«گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سالدا كۆلىگە ياسىلىدىغان ئىلىم – پەن مەركىزى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز...

1839516
سالدا كۆلى ئىلىم - پەن مەركىزى

سالدا كۆلى ئىلىم - پەن مەركىزى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مۇھىت، شەھەر پىلانلاش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرلىقى تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش باش ئىدارىسى سالدا كۆلىدە ئېلىپ بېرىلغان «مىكرو جانلىقلارنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى تەتقىقاتى» ئارقىلىق ناسانىڭ خىزمەتلىرىگە ھەمدەم بولۇش مەقسىتىدە «سالدا كۆلى ئىلىم - پەن مەركىزى» تۈرىنى تەييارلاپ چىقتى.

تەتقىقاتچىلارنىڭ تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ سالدا كۆلىنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلىدىغان بۇ ئىلىم - پەن مەركىزى، ئاق ئاراللار كۈتۈۋېلىش رايونىغا 620 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى 3396 كۋادرات مېتىر يەرگە قۇرۇلىدۇ.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ سالدا كۆلىدىكى تەتقىقاتىغا قاتناشقان ئىستانبۇل پەن  -  تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى كانچىلىق فاكۇلتېتى گېئولوگىيە ئىنژېنېرلىقى كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى، گېئومىكروبىئولوگىيە - بىئوخىمىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور نۇرگۈل بالجى، سالدانىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالاھىدە كۆل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گېئولوگىيە جەھەتتىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان سالدا  كۆلىدە قىممەتلىك ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بالجى، دۇنيانىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جايلىرىدا بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئىلىم - پەن مەركەزلىرىنىڭ بارلىقىنى، رايونغا ھەر قېتىم كەلگەن چاغلىرىدا ئىلىم - پەن مەركىزىگە بولغان ئېھتىياجنى ھېس قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

«مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى گېئو -  ساياھەتچىلىكنىمۇ جانلاندۇرىدۇ»

بۇ مەركەزنىڭ داۋاملىشىۋاتقان دالا تەتقىقاتلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بالجى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ ئەۋرىشكىلەرنى ساقلىيالايدىغان ۋە سوغۇق زەنجىر ئورنىتالايدىغان بىر سىستېمىغا ئىگە بولۇشىمىز، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا، بۇ پەقەت ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئەترىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە ئىشلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ماسلاشتۇرىدىغان، مەنىۋى كۈچ بېغىشلايدىغان بىر مەركەز بولۇشى كېرەك. ياشلىرىمىزنى جەلپ قىلىپ، ئىلمىي ئۇل ئەسلىھە ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان بىر مۇھىتنىڭ يارىتىلىشى باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم. بۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق بىر مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى گېئوساياھەتنىمۇ جانلاندۇرىدۇ» دېدى.

بالچى، ئاڭنى ئۆستۈرىدىغان ئىلىم - پەن مەركىزىنىڭ كۆلنى قوغداش رولىنىمۇ ئوينايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

* * * * *

«مۇھىتقا ماس ھالەتتە %100 ياغاچتىن ياسىلىدۇ»

سالدا كۆلىنى قوغداش تۈرىنى كونترول قىلىش ئىنژېنېرى، بىناكار، سالدا ئىلىم - پەن مەركىزى تۈر دېرىكتورى ئالپەرەن كەركۈكلۈ بولسا، مۇھىت، شەھەر پىلانلاش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇمنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنى ئۆز ئورنىدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پىلانلىغان ئىلىم - پەن مەركىزى تۈرىنى تاماملىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

كەركۈكلۈ پات يېقىندا بۇ تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: «بىز ئىلىم - پەن مەركىزىمىزنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى قىسمىنى پۈتۈنلەي رايونغا مۇۋاپىق شەكىلدە لايىھەلەپ چىقتۇق. تەبىئىيلىكىگە دەخلى يەتكۈزمەستىن، پۈتۈنلەي مۇھىتقا ماس مەركەز %100 ياغاچتىن ياسىلىدۇ، سەزگۈر دەپ قارىلىۋاتقان ئاق قۇملۇق دېڭىز ساھىلىدىن يىراق بولىدۇ» دېدى.

سالدا كۆلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىلمىي تەتقىقاتلارنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەركۈكلۈ، مەركەزدىكى فىلىم قويۇش ئۆيىدە زىيارەتچىلەرگە كۆلنى قوغداش خىزمەتلىرى توغرىسىدا چەشەنچە بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«تەتقىقاتچىلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ»

كۆلدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئاكادېمىكلارنىڭ ئالغان ئەۋرىشكىلىرىنى مەركەزدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كەركۈكلۈ: «بىز ئىلىم - پەن مەركىزىنى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ناسامۇ ئىشلىتەلەيدىغان شەكىلدە ياساپ چىقىمىز. سالدا كۆلىنىڭ قىممىتى بۇ يەردىكى تەتقىقاتلارغا يېڭىچە تەسەۋۋۇر بېغىشلىدى. مىنىستىرلىقىمىزمۇ قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ئېھتىياج ھېس قىلىنغان بۇنداق بىر ئىلىم – پەن مەركىزىنى تۈركىيەدە تۇنجى بولۇپ بۇ يەردە روياپقا چىقىرىدۇ. ئىلىم - پەن مەركىزىمىز مارسقا مۇناسىۋەتلىك سالدا كۆلى تەتقىقاتلىرىىغىمۇ تۆھپە قوشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سالدا كۆلى ناسانىڭ 2020 – يىلىدىكى تەتىقات ئوبيېكتى جېزېرو ئويمانلىقىدىكى قەدىمىي كۆلگە «گېئولوگىيەلىك ۋە مىنېرالوگىيەلىك» جەھەتتىن ئوخشايدىغان بىردىنبىر كۆل بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئاۋىئاتسىيە - ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسا 2021 – يىلى فېۋرال ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا «مارسقا بېرىش ۋاقتى يېقىنلاشماقتا» دېگەن تېما ئاستىدا، «مارستىكى جېزېرو ئويمانلىقىغا ھېچكىم قەدەم باسمىدى، ئەمما تۈركىيەدىكى سالدا كۆلى سايىسىدا، بىزنىڭ ئۇ يەردە نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىمىز ھەققىدە بەزى ئوي - پىكىرلىرىمىز بار» دېگەن ئۇچۇرلار ھەمبەھرىلەنگەنىدى.

مەنبە: TRT Haber



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر