گېرمانىيەدە جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ تۆۋەن ساكسونيا ئۆلكىسىنىڭ خاننوۋېر شەھىرىدىكى بىر جامەنىڭ تېمىغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن خەت يېزىلدى.

2025657
گېرمانىيەدە جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت  04.40 ئەتراپىدا بامدات نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن جامائەت نامەلۇم كىشىلەرنىڭ دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلىكى قارمىقىدىكى خاننوۋېر مەركىزىي جامەسىنىڭ تېمىغا پۈركۈلىدىغان بوياق بىلەن خەت يېزىپ قويغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئەھۋالنى جامە مۇدىرىيىتىگە مەلۇم قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دىنىي ئىشلار تۈرك - ئىسلام بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى خاننوۋېر مەركىزىي جامەسى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت زەنگىن بۇ جامەنىڭ ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئەھۋالنىمۇ دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر