ئۈچ تېررروچى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېرورچىنىڭ تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1983492
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قېچىپ چىققان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېرورچىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «يۈرۈشلۈك پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى ئارقىلىق بىز ئۇۋىلىرىغىچە بېسىپ كىرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزلىرىنىڭ تەشكىلاتتىن قېچىشلىرى داۋاملاشماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قېچىپ چىققان يەنە 3 نەپەر پ ك ك تېررورچىسى ھابۇردىكى چېگرا پونكىتىمىزغا كېلىپ تەسلىم بولدى» دېيىلدى.