ۋىلادىمىر پۇتىن كېرچ كۆۋرۈكىدىكى پارتلاشتىن كېيىن بىخەتەرلىك قارارنامىسىغا ئىمزا قويدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈنۈگۈن كېرچ كۆۋرۈكىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلەرنى ئاشۇرۇش قارارنامىسىغا ئىمزا قويدى.

1890240
ۋىلادىمىر پۇتىن كېرچ كۆۋرۈكىدىكى پارتلاشتىن كېيىن بىخەتەرلىك قارارنامىسىغا ئىمزا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كرېمىلنىڭ يازما باياناتىدا، «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كېرچ بوغۇزىدىكى قاتناش ئۆتكىلىنى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن قىرىم يېرىم ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتر تورى كۆۋرۈكىنى شۇنداقلا كراسنودار رايونى بىلەن قىرىم يېرىم ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قارارنامە ئىمزالىدى» دېيىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن پۇتىن ئىمزالىغان قارارنامىغا ئاساسەن، كېرچ بوغۇزىدىكى تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رۇسىيە بىلەن قىرىم يېرىم ئارىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان كېرچ كۆۋرۈكىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەندە بىر يۈك ئاپتوموبىلىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر