سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىغا دائىر فىلىم ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

بۇ يىل (2021) ياۋروپا كىنوفىلىمى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى «Quo Vadis, Aida?»  ناملىق فىلىم «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

1746862
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىغا دائىر فىلىم ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كىنو ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 34-نۆۋەتلىك ياۋروپا كىنو فىلىم مۇكاپاتى مۇراسىمى بۇ يىل كوۋىد-19يۇقۇمى سەۋەبىدىن توردا ئۆتكۈزۈلدى.

«ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جاسىمىلا زبانىچنىڭ «Quo Vadis، Aida?» ناملىق فىلىمى، مۇراسىمدا ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

زبانىچ «ئەڭ ياخشى رېژىسسور» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جاسنا دۇرىچىچ «Quo Vadis ، Aida» ناملىق فىلىمدىكى رولى بىلەن «ئەڭ ياخشى ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

رېژىسسور زبانىچ بۇ مۇكاپاتنى سرېبرېنىتسالىق ئانىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا يەنە، ئۆلتۈرۈلگەن دادىلار، خانىملار ۋە ئوغۇللارغا ئاتىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس» تۈرىدىكى مۇكاپاتقا، «ئاتا» ناملىق فىلىمدىكى رولى بىلەن ئانتونىي خوپكىنس لايىق كۆرۈلدى. ئەڭ ياخشى سېنارىيە مۇكاپاتى «ئاتا»  ناملىق قىلىمنىڭ سېنارىستلىرى فىلورىيان زېللېر ۋە كرىستوفىر خامپتونغا بېرىلدى.

يىڭۋىلد سىۋى فىلىككا رېژىسسورلۇق قىلغان «بالا نىنجا» ناملىق فىلىم «ئەڭ ياخشى كومېدىيە» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مۇراسىمدا،  «ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم» ۋە «ئەڭ ياخشى كارتون فىلىمى»  تۈرىدە، جوناس پوخېر راسمۇسسېن رېژىسسورلۇق قىلغان «قېچىش» ناملىق فىلىم مۇكاپاتلاندى.  

دانىيەلىك رېژىسسور سۇسان بىئېرمۇ دۇنيادا ياۋروپا كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن شەرەپلەندۈرۈلدى.

ياۋروپا كىنو فىلىم مۇكاپاتى «ياۋروپانىڭ ئوسكار مۇكاپاتى» دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر