لىئونېل مېسسى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا يۆتكەلدى

لىئونېل مېسسى 21 يىل توپ تەپكەن بارسېلونا كوماندىسىدىن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مائاش چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى بىلەن 2 + 1 يىللىق توختام ئىمزالىدى.

1689261
لىئونېل مېسسى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا يۆتكەلدى
1.JPG
2.JPG
3.JPG
4.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى لىئونېل مېسسى ئىمزادىن كېيىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، «كوماندىنىڭ ۋە تېخنىكا گۇرۇپپىسىنىڭ قانچىلىك تالانتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، پارك شاھزادە پۇتبول مەيدانىغا چىقىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن» دېدى.

كاتالونىيە كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان دۇنيا ماگناتلىرىدىن يۆتكىلىش تەكلىپى ئالغان، ئەمما ئارگېنتىنالىق مەشقاۋۇل ماۋرىكىيو پوچېتتىنو باشچىلىقىدىكى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنى تاللىغان لىئونېل مېسسى، پارىژدا مىڭلىغان مەستانىلىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

34 ياشلىق پۇتبول چولپىنى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن كېيىن 2 + 1 يىللىق توختام ئىمزالىدى.

فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مېسسىنىڭ مائاشى نەق 35 مىليون ياۋرو بولىدىكەن.

ئارگېنتىنالىق چولپاننىڭ پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدا كىيىدىغان كىيىم نومۇرىمۇ مۇئەييەنلەشتى.

بارسېلونا بىلەن چىققان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 30-نومۇرلۇق فورما كىيگەن مېسسى بۇ كىيىمنى فرانسىيە كوماندىسىدىمۇ كېيىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر