پاكىستاندا «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»نىڭ 1- بۆلۈمىنىڭ يوتۇبېدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى 100 مىليوندىن ئاشتى
پاكىستاندا ئوردۇچە ئاۋاز بېرىلىپ، ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا تارقىتىلىشقا باشلانغان تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) نىڭ يۈرۈشلۈك فىلىمى «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ يوتۇبېدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى 100 مىليوندىن ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا كىشىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى دۆلەت تېلېۋىزىيەسى PTV نىڭ يوتۇبېدىكى «TRT Ertugrul by PTV» قانىلىدا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 100 مىليون 55 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىنكاس يېزىلدى.
ئۆتكەن يىلى رامىزاندا تارقىتىلىشقا باشلانغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» يۈرۈشلۈك قىلىمى پاكىستان خەلقىنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
يۈرۈشلۈك قىلىمنىڭ يوتۇبېدىكى «TRT Ertugrul by PTV» قانىلى ئەزاسى سانىمۇ 13 مىليوندىن ئاشتى.
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى پاكىستاندا «يۇنۇس ئەمرە ئىىشىق سەپىرى» ناملىق تۈركىيە يۈرۈشلۈك فىلىمىمۇ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى PTV دا ئوردۇچە ئاۋاز بېرىلىپ تارقىتىلىشقا باشلانغان ئىدى..
تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇرۇلۇش ئوسمان» مۇ مۇشۇ رامىزاندا پاكىستاننىڭ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن ئوردۇچە ئاۋاز بېرىلىپ، تارقىتىلىشقا باشلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.