19 ياشتىن تۆۋەن قىزلار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىمىز بېلارۇسىيە كوماندىسىنى يەڭدى

19 ياشتىن تۆۋەن دۆلەتلىك قىزلار كوماندىمىز بېلارۇسىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.

1481531
19 ياشتىن تۆۋەن قىزلار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىمىز بېلارۇسىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى2020 - يىللىق CEV 19 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ياۋروپا ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا، دۆلەتلىك قىزلار كوماندىمىز بېلارۇسىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

بوسنىيە -گېرتسېگوۋىنانىڭ زېنىكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 101 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، بېلارۇسىيە  كوماندىسى 21 – گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

ئاي يۇلتۇزلۇق كوماندىمىز كېيىن ئوينىغان ئايلانما مۇسابىقىلەردە، رەقىبىنى 17 گە قارشى 25،  22 گە قارشى 25 ۋە 24 كە قارشى 26 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر