«مالازگىرت زەپىرى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ۋىدېيو ئىشلەندى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن «‹مالازگىرت زەپىرى› نىڭ 949 - يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن «قىزىل ئالما» مارشى ئورۇن ئالغان مەخسۇس ۋىدېيو ئىشلەندى.

1478864
«مالازگىرت زەپىرى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ۋىدېيو ئىشلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن‹قىزىل  ئالما› قۇدرەتلىك ۋە بۈيۈك تۈركىيەنىڭ سىمۋولىدۇر. مالازگىرتتىن تارتىپ 15 – ئىيۇلغىچە مىسلىسىز داستانلارنى يازغان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ قۇتلۇق ئۇزۇن سەپىرىدۇر. ‹قىزىل  ئالما› سايىسىدا قانچىلىغان مەزلۇملار سايدىغان مۇقەددەس چىناردۇر. جەبىلتارىقتىن ھىجازغىچە، بالقان رايونىدىن ئاسىياغىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئارزۇ – ئارمانىدۇر.

«قىزىل ئالما» ۋىدېيوسى، 1071 – يىلقى «مالازگىرت زەپىرى» دىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىدىن چاناققەلئە ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرىغىچە، 15 – ئىيۇل داستانىدىن ھازىرغا قەدەر، ئوخشاش روھتىن ئۇزۇقلانغان ئاساسلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ۋىدېيودىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «فەتىھ سۈرىسى» نىڭ تۇنجى ئايتىنى ئوقۇشىمۇ ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر