قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

بۈگۈن، مۇسۇلمانلار دۇنياسى قۇربان ھيېتنى تەبرىكلىمەكتە.

1464863
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوغلىنى قۇربانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن قوينىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى ئىنسانىيەت تارىخىغا كىردى.

بىزگە نىسبەتەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قۇربانلىق قىلىش ئەنئەنىسى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھالال پۇل بىلەن سېتىۋېلىنغان مال بۈگۈن گۇناھلارغا كەففارەت بولۇشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدۇ. خالىغان كىشىلەر قۇربان ھيېتنىڭ باشقا كۈنلىرىدىمۇ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. قۇربالىق گۆشىنىڭ بىر قىسمى ئۆي خەلقىگە، بىر قىسمى پېقىرلارغا، يەنە بىر قىسمى بولسا ئۆيگە ھېيتلاپ كەلگەن مېھمانلارغا ئىكرام قىلىنىش ئۈچۈن ئايرىلىدۇ.

ھېيت بويىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ھېيتلىشىدۇ. چوڭلار زىيارەت قىلىنىدۇ، بالىلارنىڭ كۆڭلى خۇش قىلىنىدۇ.

پۈتكۈل دۇنيادىكى بىزنى چەكسىز ئازاب دېڭىزىغا غەرق قىلىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ، قەتلىئاملارنىڭ، دۈشمەنلىك ۋە نەپرەتنىڭ قۇربان ھيېت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخىرلىىشىشى ئۈمىدى بىلەن، قۇربان ھيېتىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن قىزغىن تەبرىكلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر