ئۇكرائىنادا ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىپ رەسىمگە چۈشۈشى مەسىلىسىدە مۇھىم قارار چىقىرىلدى

ئۇكرائىنادا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇسۇلمانلار ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقان ئاياللارنىڭ رەسمىي كىملىكلەر ئۈچۈن ياغلىق چېگىپ رەسىمگە چۈشۈشى مەسىلىسىگە يېشىل چىراغ ياقتى.

1317539
ئۇكرائىنادا ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىپ رەسىمگە چۈشۈشى مەسىلىسىدە مۇھىم قارار چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىشلار ئورگىنىنىڭ مۇپتىسى سەئىد ئىسماگىلوۋ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە 19 – نويابىر كۈنى چىقىرىلغان  قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشى ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىغا ئۇيغۇندۇر. بۇ  جەمئىيەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ۋە ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاياللارنىڭ پاسپورت، كىملىك ۋە شوپۇرلۇق كېنىشكىلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان فوتو سۈرەتلەر ئۈچۈن دىنىي ياكى  تېببىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ياغلىق چېگەىپ رەسىمگە چۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر