ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا 5000 يىللىق شەھەر تېپىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي (پەلەستىن زېمىنى) دا، تارىخىي 5 مىڭ يىللىق ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىغان بىر ئانتىك شەھەر بايقالدى.

1283822
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا 5000 يىللىق شەھەر تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئاسارە ئەتىقىلەر باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھارىش شەھىرىگە يېقىن جايدىكى يول ياساش خىزمەتلىرى جەريانىدا بايقالغان بۇ ئانتىك شەھەرنىڭ 65 گېكتار زېمىن ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى ۋە تەخمىنەن 6000 كىشى ياشىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دەسلەپكى تۇچ دەۋرىگە ئائىت دەپ قارىلىۋاتقان بۇ 5000 يىللىق شەھەردە يوللار ۋە مەھەللىلەرنىڭ پىلانلىق شەكىلدە ياسالغانلىقى، ئىچىدە ئىبادەتخانىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

شەھەر ئەتراپىنىڭ سېپىل بىلەن ئورالغانلىقى، شەھەر خەلقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ۋە باشقا رايونلار بىلەن قىلغان سودا تىجارەتكە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ ئانتىك شەھەرنىڭ رايوننىڭ شەھەرلىشىشى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا يەنە، «بۇ جاينى <دەسلەپكى تۇچ دەۋرىنىڭ نىيۇيوركى> دېيىشكە بولىدۇ. مىڭلىغان كىشى ياشايدىغان، كۆپ مىللەتلىك ۋە پىلانلىق بىر شەھەر» دېيىلدى.

شەھەرنى قىزىش خىزمەتلىرىنىڭ تەخىمىنەن ئىككى يېرىم داۋاملاشقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئىنسان ۋە ھايۋانلارغا ئائىت نادىر كىچىك ھەيكەللەر، كوزا، قاچا قۇچا پارچىلىرى ۋە بەزى مىسىردىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان ھەر خىل ئۈسلىھەلەردىن تەركىپ تاپقان 4 مىليونغا يېقىن ياردىكارلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر