بىر مىليونغا يېقىن ھاجى نامزاتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تېخى ھەج مەۋسىمى رەسمىي باشلانماي تۇرۇپلا 1 مىليونغا يېقىن ھاجى نامزاتىنىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1243682
بىر مىليونغا يېقىن ھاجى نامزاتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس زېمىنغا كەلگەنلەرنىڭ سانى 1 مىليونغا يېقىنلاشقان.  

سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھازىرغا قەدەر ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ سانى 926 مىڭ 726 كىشى بولغان بولۇپ، بۇلاردىن 881 مىڭ 229 كىشى ھاۋا يولى بىلەن كەلگەن.

خەۋەردە خاجى نامزاتلىرىدىن 555 مىڭ 338 كىشىنىڭ ھەج ھازىرلىقلىرى ئۈچۈن مەككىدە بېرىپ بولغانلىقى، 161 مىڭ 588 كىشىنىڭ مەدىنىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەج مەزگىلىدە 2 مىليون 371 مىڭ 675 كىشى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغان.

بۇ يىللىق ھەج پەسلى بولسا، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن تارتىپ باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر