بۈگۈن ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغان قۇتلۇق بىر كۈن

ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 566 – يىللىقىنى چەكسىز ھاياجان ۋە چوڭقۇر ئىپتىخارلىق ئىلكىدە  قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

1210369
بۈگۈن ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغان قۇتلۇق بىر كۈن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەسلىدە قۇدرەت تېپىشى ۋە كۈچىيىشىنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەلىرىنى پەتھى قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى. ھەم ئانادولۇدا ھەم  جەنۇبىي بالقان رايونىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان پەتىھ ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى پەقەت ئىستانبۇلدىنلا تەشكىل تاپقان بىر شەھەر دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى.

1453 يىلىغا كەلگەندە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان ئىستانبۇلنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قولىدا بولۇشىنىڭ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، زور قوشۇننى باشلاپ ئىستانبۇلنى قورشىۋالدى.

ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان قورشاۋ جەريانىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارمىيەسى ئىشلەتكەن تېخنولوگىيە ۋە توپلار 1453 – يىلى 29 – ماي كۈنى ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىستانبۇل ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولۇپ قالدى.

ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، يېڭى بىر دەۋرنى باشلاتقان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى، دۇنيا تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، غەربتە ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر