خۇلۇسى ئاقار تېررورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەشنى تەكىتلىدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تېررورچىلارنىڭ ۋە ياردەمچىلىرىنىڭ ھېچقانداق قىلىپ قۇتۇلۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇلارغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1137409
خۇلۇسى ئاقار تېررورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەشنى تەكىتلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ھەمراھلىقىدىكى قۇرۇغلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندار بىلەن بىرگە ئىراق چېگراسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى ئالاھىدە قىسىملارنى زىيارەت قىلدى.

خۇلۇسى ئاقار سۆزىدە، «تېررورچىلار ۋە ياردەمچىلىرى ھېچ بىر شەكىلدە قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. بۇلارغا قارشى كۈرەشلىرىمىزنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمىز. رايوندا قەتئىي توختاپ قالمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خۇلۇسى ئاقار: «ھەم قۇرۇغلۇقتىكى ھەرىكەتلىرىمىز، ھەم ئۈستەلدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىمىز ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر