مۈنبىچتىكى پارتلاشتا نۇرغۇن ئامېرىكا ئەسكىرى يارىدار بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى سۈرىيەنىڭ مۈنبىچ رايونىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە پارتلاش يۈز بەردى.

1127004
مۈنبىچتىكى پارتلاشتا نۇرغۇن ئامېرىكا ئەسكىرى يارىدار بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان مەزكۇر پارتلاشتا نۇرغۇن ئامېرىكا ئەسكىرى يارىدار بولغان. ئامېرىكا ئارمىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن ئەسكەرلىرىنى رايوندىن يۆتكىگەن.

كىمنىڭ ۋە نېمە ئۇچۇن قىلغانلىقى تېخى ئېنىقلىمىغان پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەلەبكە قاراشلىق مۈنبىچ ناھىيەسى 2016يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئامېرىكا رايوننى دائشتىن تازىلىغاندىن كېيىن ي پ گ/ پ ك ك نىڭ بۇ يەردىن چېكىندۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە تۈركىيەگە ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىراق ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ۋەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئىيۇن ئېيىدا مۈنبىچ مەسلىسىنىڭ كەلگۈسى يول خەرىتىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

پىلان دائىرىسىدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ناھىيەدە ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر