رۇھانى: ئامېرىكا تېھرانغا ئېمبارگو ئۇرۇشى ۋە قامال ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېھرانغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئۇرۇشى ۋە ھەر جەھەتتىن قامال قىلىش ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1117499
رۇھانى: ئامېرىكا تېھرانغا ئېمبارگو ئۇرۇشى ۋە قامال ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى زىياد ئەنناھالەنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى ھەققىدە توختالغان، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى، ئىراننىڭ ئالدىنقى 40 يىل ئىچىدە تىركىشىش ۋە  كۈرەش قىلىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىىرنىڭ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېھرانغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئۇرۇشى ۋە ھەر جەھەتتىن قامال قىلىش ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇ ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا دۈشمەگە قارشى غالىب كېلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، چۈنكى خەلقىمىز بۇ ئۇرۇشقا قارشى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار پەلەستىن خەلقىنىڭ تېگىشلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشى، مۇساپىرلارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشى، قۇددۇسنىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى بولۇشى ئۈچۈن ھەمدەم بولۇشى لازىم، پەلەستىن خەلقىنىڭ جىھادى سىيونىست ھاكىمىيەتنى باش ئەگدۈرگەنگە قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى شەرت، سىيونىست ھاكىمىيەت ئاقسارايدىكى يېڭى رەھبەرلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا پۈتكۈل رايوننى تىزگىنلەش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، پەلەستىن بۇ پىلاننىڭ پەقەت بىر قىسمى، خالاس. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئىسرائىلىيە پەلەستىن خەلقىنى بويسۇندۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى ئىسرائىلىيە مادرىد ۋە ئوسلو كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوبۇل قىلمىدى، شۇڭا پەلەستىن خەلقىنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەق – ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن سىيونىست ھاكىمىيەتكە قارشى تىركىشىش ۋە  كۈرەش قىلىشتىن باشقا يول يوقتۇر.»

پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى زىياد ئەنناھالە، ئىراندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ كاتىپى ئەلى شەمھانى ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر