مالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن كىىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

مالىنىڭ مەركىزىي رايونى موپتىدا دوروز ئوۋچىلار تونىغا ئورىنىۋالغان كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدا فۇلانى قەبىلىسىدىن 37 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1117802
مالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن كىىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مالى ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەتىگەن تەرەپلەردە  دوروز ئوۋچىلىرى تونىغا ئورىنىۋالغان كىشىلەر موتسىكلىت بىلەن  بانكاس شەھىرىگە قاراشلىق كوئۇلوگون يېزىسىغا بېسىپ كىرىپ، ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە فۇلانى قەبىلىسىدىن بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 كىشى قازا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتە مالىنىڭ ئوتتۇرا رايونىدا ياشايدىغان فۇلانىلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر