تۈرك ئوقياچىلىقى كونكېرتلاشمىغان خەلقئارا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان بولدى

ساياھەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۈرك ئوقياچىلىق ئەنئەنىسىنى ب د ت ئىلىم –پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ كونكېرتلاشمىغان خەلقئارا مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت باشلىدى.

1099661
تۈرك ئوقياچىلىقى كونكېرتلاشمىغان خەلقئارا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ كونكېرتلاشمىغان خەلقئارا مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىرى تىزىملىكىگە تۈرك داستانى «قورقۇت ئاتا» 17 -ئامىل سۈپىتىدە ھەممىنىڭ تەڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن رەسمىي كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئەمدىكى نۆۋەتتە تۈرك ئوقياچىلىق ئەنئەنىسىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە.

تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ 2019يىللىق كومىتېت يىغىنىدا رەسمىي قارارلاشتۇرۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ دائىرىدە كونكېرتلەشمىگەن مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش بۇ ساھەدە ئۆزگىچىلىك يارىتىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارلاغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە خىزمەتلەر پۈتۈ سۈرئىتى بىلەن ئۈلكسىز داۋاملاشماقتا.

«ئەنئەنىۋىي تۈرك ئوقياچىلىقى» ناملىق ھۆججەتلىك ئارخىپ تەييارلىنىپ، ب د ت ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ 2019يىللىق ئىنسانىيەتكە تەۋە كونكېرتلاشمىغان مەدەنىي مىراسلار ۋەكىللىك تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈش ئۈچۈن ب د ت نىڭ كونكېرتلاشمىغان مەدەنىي مىراسلار كاتىباتلىق ئىشخانىسىغا يوللاندى.

تۈركىيە ب د ت ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» ئەڭ كۆپ مەدەنىي مىراسلارنى ئەنگە ئالدۇرغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردىكى 5ئورۇندا تۇرىدۇ.

«ئەنئەنىۋىي تۈرك ئوقياچىلىقى» ناملىق ھۆججەتلىك ئارخىپنىڭ 2019يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 14نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا كومېتىت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۈركىيە ئۆتكۈزلىۋاتقان ئوقياچىلىق تەنتەربىيەسى پائلىيەتلىرى تەييارلانغان، «ئەنئەنىۋىي تۈرك ئوقياچىلىقى» قانچىلىغان ئەسىرلەر ئىچىدە بەلگىلەنگەن پىرنسىپلارنى، قائىدە تۈزۈم، ئۆرۈپ ئادەتلەرنى ۋە بۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەمىلىيلىشىش ئۇسۇللىرىنى شۇنداقلا  ئەنئەنىۋىي ھۈنەر - سەنئەت بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ئوقياچىلىق ئەسلىھەلىرى، ئوقياچىلىق قائىدە - قانۇنلىرى ۋە ئېتىش تېخنىكلىرىنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنى، كونكېرتلەشمىگەن مەدەنىيەت مىراسى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر