ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي ئوق – دورا ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى
ھىندىستاندا ئارمىيەگە تەۋە بىر ئوق - دورا ئىسكالىتىدا پاتلاش يۈز بېرىپ، 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1091669
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ماھاراشتىرا ئۆلكىسىنىڭ ۋاردا رايونىدىكى ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قورال زاپىسىنى ساقلايدىغان ئارمىيەگە تەۋە بىر ئىسكىلاتتا پارتلاش يۈز بەرگەن.
پارتلاش سەۋەبىدىن 6 كىشى ئۆلۈپ، 18 كىشى يارىدار بولغان.
ئالاقىدار مەسئۇللار پاتلاشنىڭ كونا ئوق – دورىلارنى يوقۇتۇش جەريانىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئىسكىلاتتا 2016 – يىلىمۇ پارتلاش يۈز بېرىپ، 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.