خىتايدا بىر تۈرك سودىگەر ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى

خىتايدا بىر تۈرك سودىگەر رىستۇراندا قوغلاپ چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر نامرات خىتاي پۇقراسىغا ئۆزىنىڭ تامىقىنى بۆلۈپ بېرىش ئارقىلىق ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

1088630
خىتايدا بىر تۈرك سودىگەر ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئىجتىمائىي سىناق جەريانىدا، كونا كېيىمى سەۋەبىدىن رېستوراندىن قوغلاپ چىقىرىلماقچى بولغان بىر ياشقا ئىگە چىقىپ، ئۇ ياشنى ئۆز ئۈستىلىگە چاقىرىپ تامىقىنى ئورتاقلاشقان بىر تۈركىيەلىك سودا سانائەتچىنىڭ بۇ ئۈلگىلىك پوزىتىسيەسى تۈرك خەلقىنىڭ نەقەدەر مېھماندوستلۇقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

خىتايدىكى ئىجتىمائىي سىناق جەريانىدا، كوچىلاردا ياشايدىغان، ئۆيسىز، نامراتنىڭ قىياپىتىگە كىرگۈزۈلگەن بىر ياشنىڭ كونا كېيىمى سەۋەبىدىن رېستوران خادىملىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن 47 ياشلىق تۈرك سودا سانائەتچى مۇرات تەلەك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈنتەرتىپكە ئايلاندى. 

مەزكۇر ياشنىڭ كونا كېيىمى سەۋەبىدىن رېستوراندىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا يول قويمىغان مۇرات تەلەك، ئۇنى ئۆز ئۈستىلىگە چاقىرىپ تاماقىنى بۈلۈپ بېرىش ئارقىلىق ئانادولۇ خەلقىنىڭ كۆيۈم شەپقەت ۋە ياردەمپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ھەممىلا يەردە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى.

مۇرات تەلەك ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىجتىمائىي سىناق كۆرۈنۈشلىرىنىڭ 4 يىل ئىلگىرى ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ۋىدېئونىڭ تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇرات تەلەك رىېستوراندا قىلغان ئىشىنىڭ ھەممەيلەنگە ياراپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «خىتايدا ئىنسانلار چەت ئەللىكلەرگە ئانچە يېقىنلىق كۆرسەتمەيدۇ. چېكىنىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. مېنىڭ بىر چەت ئەللىك تۇرۇپ، تونىمىغان بىر خىتاي ئۈچۈن شۇنداق پوىتسىيەدە بولغانلىقىمنى خىتايلارمۇ ياختۇرۇش كەتتى. ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلىرىمدا ماڭا <تۈرك ئاكا>، <تۈرك تاغا> دېگەندەك گەپلەرنى ئىشلىتىشتى ۋە مەزكۇر پىروگراممىدىن مېنى تۇنۇشقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر