تۈركىيە ئارمىيەسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرككە بېغىشلاپ قىسقا فىلىم ئىشلىدى
تۈركىيە ئارمىيەسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنىگە بېغىشلاپ مەخسۇس قىسقا فىلىم ئىشلىدى.
1085181
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان قىسقا فىلىمدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە، ھەمدە ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى: «مېنى كۆرۈش دېمەك، چوقۇم مېنىڭ يۈزۈمنى كۆرۈش دېگەنلىك ئەمەستۇر، ئەكسىچە، مېنىڭ پىكىر – تەپەككۇرلىرىمنى، ھېس – تۇيغۇلىرىمنى چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىش دېمەكتۇر.»
قىسقا فىلىم «سىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھاات!» ئىپادىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.