ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر كەچلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى.

1084212
ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ۋەقە كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ توۋزاند ئوكس شەھىرىدە يۈز بەردى.

بىر كىشى ئاپتوماتىك قورال بىلەن كەچلىك كۇلۇبقا بېسىپ كېرىپ، ئەتراپتىكىلەرنى ئوققا تۇتتى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا تەخمىنەن 10 دىن 20 گىچە كىشى يارىدار بولغان.

ھۇجۇم قىلغۇچىدا يەنە، ئاۋاز بومبىسىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بېرىپ، خەلقنىڭ رايوندىن ئۇزاقلىشىشىنى تەلەب قىلدى. 

ئامېرىكا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:20 دە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجىمى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي بىرەر مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

ساقچىلار توقۇنۇش تۇغدۇرغان ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ تېخىچە ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر