تالىباننىڭ ھۇجۇمى جانغا زامېن بولدى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە تالىبان ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 3 ساقچى ئۆلدى

1083453
تالىباننىڭ ھۇجۇمى جانغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  غەزنە ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئارىف نۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان ئەزالىرىنىڭ جاغىرىيىە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 5 خادىمى يارىلانغان، زاپاس قىسىم رايونغا يېتىپ كەلەەندىن كېيىن تالىبان ئەزالىرىغا قايتۇرما ھۇجۇم بېرىلگەن.

تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 9 ساقچىخانا تالىباننىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتكەن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 25 خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر