فىرانسىيە پىرېزىدېنتىغا سۇيىقسەت قىلماقچى بولغان 6 كىشى نازارەتكە ئېلىندى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا سۇيىقەست قىلىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلىنغان 6 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.
1082706
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئىشخانىسى فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق «BFM» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان سۇيىقەست پىلانىغا ئالاقىدار ئالدىن تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، 6 كىشى نازارەتكە ئېلىنغان.
تەكشۈرۈش ئەترىتىدىن بىر مەنبە، مەزكۇر 6 كىشىنىڭ «ماكرونغا سۇيىقەست قىلىش پىلانى تەييارلىقىدا بولغان» دېگەن كۈچلۈك گۇمان بىلەن نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گۇماندارلارنىڭ رادېكال ئوڭچىلار ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.