ئىستانبۇلدىكى «توپكاپى سارىيى» زىيارەتچى سانى جەھەتتىن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

ئىستانبۇلدا بۇ يىل ئەڭ كۆپ زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغان جاي، 2 مىليون 223 مىڭ 928 ساياھەتچى سانى بىلەن «توپكاپى سارىيى» بولدى.

1069875
ئىستانبۇلدىكى «توپكاپى سارىيى» زىيارەتچى سانى جەھەتتىن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «توپكاپى سارىيى» 1460 – 1478 – يىللىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمدارى فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان تەرىپىدىن ياساتقۇزۇلغان، «توپكاپى سارىيى» ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ يەنە بىر ھۆكۈمدارى بولغان سۇلتان ئابدۇلمەجىد خان تەرىپىدىن «دولماباھچە سارىيى» سالدۇرۇلغانغا قەدەر تەخمىنەن 380 يىل بويىچە، دۆلەتنىڭ مەركىزى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ رەسمىي تۇرالغۇسى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك 2 مىليون 223 مىڭ 928 ساياھەتچى زىيارەت قىلغان «توپكاپى سارىيى» دىن كېيىنكى رەتكە، 1 مىليون 960 مىڭ 803 زىيارەتچى بىلەن «ئاياسوفيا  مۇزېي»، ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەتكە، 997 مىڭ 826 زىيارەتچى بىلەن «يەرەباتان سۇ ئامبىرى» تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر