ياۋروپادا 5 ھەپتە ئىچىدە 5 ئاۋېئاتسىيە شىركىتى ۋەيران بولدى

ياۋروپادا يېقىنقى 5 ھەپتدىن بۇيان، قىممىتى تۆۋەن 5 ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئارقىمۇ ئارقىدىن ۋەيران بولدى.

1064429
ياۋروپادا 5 ھەپتە ئىچىدە 5 ئاۋېئاتسىيە شىركىتى ۋەيران بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «Azur» ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋە «Small Planet» ھاۋا يوللىرى شىركىتى، بېلگىيەنىڭ «VLM» ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئاندىن شىۋېيېتسارىيەنىڭ «Skywork» ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئەمدىلىكتە بولسا، دانىيە بىلەن لېتونىيە مەركەزلىك «Primera» ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋەيران بولدى.

2003يىلى قۇرۇلغان «Primera» ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 9 ئايروپىلانى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان شىمالىي ئامېرىكىغا قاتنىماقتا ئىدى. 

گېرمانىيەنىڭ «Azur» ھاۋا يوللىرى شىركىتى سىنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ۋەيران بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. «Azur» ھاۋا يوللىرى شىركىتى بوئېڭ 737 تىپلىق ئايروپىلانى بىلەن مۇلازىمەت قىلماقتا ئىدى.

«Azur» ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن قىسغىنە ۋاقىت ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ «Small Planet» ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شىركەت «Airbus A320» تىپلىق 4 ئايروپىلانى ۋە «Airbus A321» تىپلىق 2 ئايروپىلانى بىلەن مۇلازىمەت قىلماقتا ئىدى.

بېلگىيەنىڭ «VLM» ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىرلا ئايروپىلان بىلەن مۇلازىمەت قىلماقتا ئىدى.

ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرغىچە تولۇق مۇلازىمەتنى داۋاملاشتۇرغان بېلگىيەنىڭ «VLM» ھاۋا يوللىرى شىركىتى، باشقا بارلىق ئايروپىلانلىرىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت «Fokker 50» تىپلىق بىرلا ئايروپىلانىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. شىركەت ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئايروپىلانىنى قايتا ئۇچۇرۇپ باقمىدى.

شىۋېيېتسارىيەنىڭ «Skywork» ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا مۇلازىمەتنى توختىتىپ، جەمئىي 11 مىڭ يولۇچىسىغا ئۇۋال قىلغان بولدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر