لاۋروۋ: ئىدلىب مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى كىرىزىسىنى بۇ ھەقتە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە ئۇيغۇن ھالدا ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1050061
لاۋروۋ: ئىدلىب مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە «توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى» بەرپا قىلىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن لاۋروۋ، بۇ دائىرىدە تۈركىيە  بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ھەمدە ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىدلىبتىكى پۇقرالارغا قارىتا «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورلىرى» نى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىلگىرى مۇسۇل ۋە رەققەدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق ئورتاق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى ھەمدە «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورلىرى» شەكىللەندۈرۈش توغرۇلۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەققەدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنىڭ «ئىنسانىي پالاكەت» ئىكەنلىكىنى، بىراق ھەرقانداق بىر سەۋەب تۈپەيلى بۇ ھەقتە ھېچكىمنىڭ بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىدلىب كىرىزىسى دائىرىسىدە بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان لاۋروۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ھەقتە كېلەر ھەپتىنىڭ باشلىرىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنىڭ قىلچە بوشاشماستىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ساھەلىرىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىش مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت  ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە زېمىن ھازىرلىنىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ سىياسىي باسقۇچقا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاسمۇ رۇسىيەنى ئىدلىبكە قىلىنغۇسى ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىدلىبكە قىلىنغۇسى كەڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇمنىڭ مىليونلارچە ئىنسانغا نىسبەتەن پالاكەتلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى باردۇر.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان مائاس، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مائاس، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈستىدىكى نوپۇزىنى ئىشقا سېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ يەنە، سۈرىيەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە ئىشەنچىلىك بىر سىياسىي باسقۇچنىڭ باشلىنىشى ۋە پۈتكۈل سۈرىيە خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ھەل قىلىشى چارىسى تېپىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر