01.06.2018
بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قىرىمنىڭ «QHA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنا سەھىيە مىنىستىرى ئۇليا سۇپرۇننىڭ «تۈركىيە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
قىرىمنىڭ «QHA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، دۇنيا مىقياسىدا 450 دىن ئارتۇق ماگېزىنى بولغان تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق كىيىم– كېچەك ماركىسى «Defacto» نىڭ ئۇكرائىنا بازىرىغا كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ «Der Spiegel» ژۇرنىلى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو ماسنىڭ «سولىنگېن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋە 5 تۈرك ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىرقىي ئايرىمچىلىق ھۇجۇمىغا ساق 25 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، گېرمانىيەدە ھازىرمۇ گېرمانىيەلىك تۈركلەرنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى تولىمۇ نومۇس قىلارلىق بىر ئەھۋال» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئىراننىڭ ئىرنا خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە پاكىستانغا ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئاتاك ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن 30 دانە سېتىشقا ئالاقىدار كېلىشىمنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مۇناسۋەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، رۇسىيە گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يۆتكەيدىغان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لايىھەسىدە 2 – لىنىيەنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ 2 – لىنىيەنىڭ 2019 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىپ بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمر پۇتىن بىلەن تېلفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە سۆھبەتتە، سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسى قاتارلىق ئىقتىسادىي مۇناسۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىراننىڭ ئىرنا خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «تۈركىيە داۋاملىق پەلەستىن پىرىنسىپلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى ۋە پەلەستىننى خەلقئارالىق سەھنىلەردە قوللاشنى داۋملاشتۇرىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئەنگلىيەنىڭ ب ب س تۈركچە تور بېتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ مۇنبىچتىن چېكىنىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكادىكى تۈركىيە– ئامېرىكا تور بېتى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنىڭ ياروپاغا تۇتىشىدىغان يۆنۈلۈىشى ھەققىدە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق مەسلىھەتلەشكەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ «DW» ئىنتېرنېت تور بېتى، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى تۈركىيەگە ۋە تۈركلەرگە قارشى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.