ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى  مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى «ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىنى قوغداش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، تەلەپ ۋە شىكايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

967062
ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلار كېڭىشى بىلەن ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكىدا «ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىنى قوغداش كۈنى» نامىدا ئاستىدا بۇ يىل 4 – قېتىملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرقايسى ئىشتاتلىرىدىن كېلىپ، پايتەخت ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولغان يۈزلەرچە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە تەلەپ ۋە شىكايەتلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر يىلى پايتەخت ۋاشىنگتوندا  تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئەنئەنىگە ئايلانغان بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەم پىكىر – تەلەپلىرىنى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.

بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلار كېڭىشىنىڭ مەسئۇللىرى،  بۇ يىل بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى نىھاد ئاۋاد بولسا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ يىلقى پائالىيەتلەرگە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ  400 دىن ئارتۇق  ۋەكىلىنىڭ ئىشتىراك  قىلغانلىقىنى، پائالىيەتلەردە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئىسلام دۈشمەنلىكىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2017 – يىلى 20 – يانۋار كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دونالد ترامپ، دۆلەتتىكى ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئالاقىدار ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى دەپ قارىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر