جەنك توسۇن ھەم بەشىكتاش كوماندىسىغا ھەم تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلماقتا

ئەنگلىيەنىڭ پرېمىئېر كۇلۇبى كوماندىلىرىدىن ئېۋېرتون كوماندىسى ماھىرى جەنك توسۇن، يېڭى مەزگىلدە پەقەت بەشىكتاش كوماندىسىغىلا ئەمەس، تۈركىيەگىمۇ ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

935463
جەنك توسۇن ھەم بەشىكتاش كوماندىسىغا ھەم تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنك توسۇن كۇلۇبىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۆزىنى قوللىشىنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مېنى قوللىشى سايىسىدا مۇسابىقىلەردە ماھارىتىمنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلدۇرۇۋاتىمەن. قوللىغۇچىلىرىم باشتىن تارتىپلا مېنى قىزغىن قوللاپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مېنى داۋاملىق قوللىشىغا تىلەكداشمەن، دەرۋەقە، ئۇلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر