ھەيفا سەبيا يەمەن خەلقى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرنى تام رەسىملىرى بىلەن دۇنياغا ئاڭلاتماقتا

ئايال سەنئەتچى ھەيفا سەبيانىڭ يەمەندىكى زۇلۇملارغا قارشى «ساداسىز قۇربانلار» تېمىسى ئاستىدا باشلىغان پائالىيىتى ھىممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

933937
ھەيفا سەبيا يەمەن خەلقى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرنى تام رەسىملىرى بىلەن دۇنياغا ئاڭلاتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇشقا ۋە ۋەيرانچىلىققا قارشى سەنئىتى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان يەمەنلىك سەنئەتچى ھەيفا سەبيا 3 يىلدىن بۇيان يەمەن خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ۋە ئاياللار بىلەن كىچىك بالىلارغا كۆرسىتىۋاتقان سەلىبىي تەسىرلىرىنى تاملارغا سىزغان رەسىملىرى ئارقىلىق ئاڭلاتماقتا.

ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىقتىدارىنى ئۇرۇشنىڭ ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارغا شۇنداقلا پۈتۈن خەلققە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ئاڭلىتىشقا ئاتىغان سەبيا «ساداسىز قۇربانلار» تېمىسى ئاستىدا باشلىغان پائالىيىتى دائىرىسىدە، خەلقنىڭ چېكىۋاتقان ئازابلىرىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن پايتەخت سانائانىڭ ئۇرۇشمۇ ئۆرۈپ تاشلىيالمىغان تاملىرىنى تاللىماقتا.

ھەيفا سەبيا «ساداسىز قۇربانلار» ھەرىكىتى دائىرىسىدە، 7 چوڭ تام رەسىمى سىزىپ چىقتى. رەسىملەردە توقۇنۇش سەۋەبىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرىدىن باشقا يەنە، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كېتىۋېتىپ ئۇچراۋاتقان قېيىنچىلىقلىرى، توقۇنۇشتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بومباردىمان ئۈچۈن مەكتەپلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى، ياكى مەكتەپلەرنىڭ ھەربىي بازىلارغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار نامايان قىلىپ بېرىلىدۇ.

ھەيفا سەبيا بۇ ھەرىكىتىنى ئاۋغۇست ئېيىدا باشىلغانلىقىنى ۋە يەمەندە ئۇرۇش ئاخىرلاشقانغا قەدەر تاملارغا رەسىم سىزىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سەنئەتنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىكىنى قانات يايدۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەسەرلىرىنىڭ پۈتۈن خەلققە يېتىپ بارالىشى ئۈچۈن كوچا تاملىرىنىڭ خۇددىي كۆرگەزمىدەك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سەبيا، بۇنى تۇنجى قېتىم قىلمايۋاتقانلىقىنىن بەلكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىككى قېتىم مۇشۇنداق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.

سەبيا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاياللار ۋە بالىلار دۇچ كېلىدىغان ئازاب ئوقۇبەتلەر تەرەپكە ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ھەيفا سەبيا سەنئىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن رەسىم تاختىلىرىنىڭ ئورنىغا تاملارنى تاللىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ، «تاملار نەپرەت قۇسۇشقا باشلىغان ئىدى. مەن بۇ تاملارنىڭ ئۇرۇشتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى ئاڭلاتسا، تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر