ھىندىستاننىڭ كىنو چولپىنى سىرىدېۋى كاپۇرنىڭ ۋاننادا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

بولىيۋۇدنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق چولپانلىرىدىن بىرسى بولغان سىرىدېۋى كاپۇرنىڭ ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتى ئوتتۇرىغا چىقتى.

919427
ھىندىستاننىڭ كىنو چولپىنى سىرىدېۋى كاپۇرنىڭ ۋاننادا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان كىنو ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولىيۋۇدنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئايال چولپانلىرىدىن بىرسى بولغان 54 ياشلىق سىرىدېۋى كاپۇرنىڭ دۇبەيدە چۈشكەن مېھمانساراينىڭ ياتىقىدا تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كېتىش سەۋەبىدىن ۋاننادا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە چۈشكەن مېھمانساراي ياتىقىدا سىرىدېۋى كاپۇرنىڭ ۋاننادا ھۇشىدىن كېتىش سەۋەبىدىن تۇنچۇقۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھىندىستاننىڭ ئەڭ كۆپ مۇكاپات ئالغان ئايال كىنو چولپىنى دەپمۇ بىلىنىدىغان كاپۇرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئېلان قىلىنغان تۇنجى خەۋەردە، يۈرەك سانچىقى تۇتقانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

دۇبەي دائىرىلىرى تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئاخىرىلاشقانلىقىنى ۋە ئاتاقلىق چولپاننىڭ ۋاننادا تۇنچۇقۇپ قىلىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىغانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

كاپۇرنىڭ ئۆلۈمى «تاسادىپىي قازا» دەپ قەيت قىلىندى.

تېخنىكلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تېخىچە بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

سىرىدېۋى كاپۇر جىيەنى موھىت مارۋانىڭ توي مۇراسىمى ئۈچۈن دۇبەيگە بارغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر