تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىنىڭ نىيۇ يوركتىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى نىيۇ يوركتا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەت يەرمەنكىسى ھېسابلىنىدىغان « The New York Times Travel Show» دا بۇ يىل تۈركىيە ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
899961
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل 15 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تەخمىنەن 150 دۆلەتتىن 500 دىن ئارتۇق ئىشتىراكچى بىلەن نىيۇ يوركتىكى Javits Center دە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولدى. تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەدەنىيەت ۋە تونۇشتۇرۇش ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىكىمۇ ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ يەرمەنكىگە «مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلات جەھەتتىن قوللىغۇچى» سۈپىتىدە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشتى.