فىرانسىيە 400 ئۆسمۈر پاناھلانغۇچىنىڭ ئەنگلىيەگە بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا

بۇ ھەقتىكى دوكلاتتا، بالىلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئائىلىلىرىنىڭ يېنىغا كېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك 6 خىل قانۇنىي رەسمىيەت يولى بارلىقى، شۇنداقتىمۇ فىرانسىيەنىڭ مۇناسىپ بىرەر يولنى تۇتمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

822887
فىرانسىيە 400 ئۆسمۈر پاناھلانغۇچىنىڭ ئەنگلىيەگە بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە تەخمىنەن 400 گە يېقىن پاناھلانغۇچى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئائىلىرىنىڭ يېنىغا كېتىشى ئۈچۈن كېرەكلىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە ۋە گاللېر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا «فىرانسىيە پاناھلانغۇچى كىچىك بالىلارنىڭ ئەنگلىيەگە كۆچۈپ كېتىش تەلەپلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بولمىدى» دېيىلدى.

دوكلاتتا، فىرانسىيەدىن ئەنگلىيەگە ئۆتۈش يولىغا جايلاشقان كالاس شەھىرىدىكى «جانگال پاناھلانغۇچىلار لاگېرى»دا تۇرۇشلۇق تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىنى فىرانسىيە يۆتكىۋەتكەندىن كېيىن، 400 گە يېقىن كىچىك بالىنىڭ فىرانسىيەدە ئاتا – ئانىسىز قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ بالىلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى، سۇيىئىستېمال ۋە كېسەللىكلەرگە ئوخشاش تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، بالىلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئائىلىلىرىنىڭ يېنىغا كېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك 6 خىل قانۇنىي رەسمىيەت يولى بارلىقى، شۇنداقتىمۇ فىرانسىيەنىڭ مۇناسىپ بىرەر يولنى تۇتمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، ئەنگلىيەنىڭ ئالدىنقى يىلى ئاتا - ئانىسى يېنىدا بولمىغان 900 كىچىك بالىنىڭ پاناھلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى، فىرانسىيەدىكى كىچىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ بولسا، ھازىرمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدىيالىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

فىرانسىيەدىكى پاناھلانغۇچىلارغا بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا يېتەرلىك تۇرمۇش ئىمكانىيەتلىرى يارىتىپ بېرىلمىگەنلىكىنى فىرانسىيە ئاممىۋىي تەكشىلاتلىرىمۇ پات - پات تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر