ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى ئامىرخان ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولماقتا

ئامىرخاننىڭ تۈركىيەلىك مەستانىلىرى بەس - بەستە ئۇنىڭدىن ئىمزا ئالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە رەسىملەرگە چۈشتى.

821979
ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى ئامىرخان ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشلىگەن كىنو – فىلىملىرى بىلەن مىليونلىغان مەستانىلارنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرغان ھىندىستان چولپىنى ئامىرخان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.

ئامىرخان تۈركىيەگە كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئىستانبۇلدا تۈركىيە كىنو خولپانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئامىرخان، ئۆزى باش رول ئالغان يېڭى فىلىمىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە چولپان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى خەلقئارا بۆلىمىنى تولدۇرغان مەستانىلەر ئۇنى قارشى ئالدى.

ئامىرخاننىڭ تۈركىيەلىك مەستانىلىرى بەس - بەستە ئۇنىڭدىن ئىمزا ئالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە رەسىملەرگە چۈشتى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر