مۇئاۋىن باش مىنىستىرنىڭ ئاراكان زىيارىتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ ئارانكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلدى.
815969
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقداغ كوكس بازاردىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ باڭلادېشتىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا كەم دېگەندە 100 مىڭ ۋاقىتلىق پاناھ جاي ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ كۇتۇپالوڭ مۇساپىرلار لاگېرىنى زىيارەت قىلغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاراكان كىرىزىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرمىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشى مەسىلىسىدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.