ئەمىنە ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرىغا مەكتۇپ يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە دىققەت قوزغاش مەقسىتىدە دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرىغا مەكتۇپ يوللىدى.

808296
ئەمىنە ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرىغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان مەكتۇبىدا، باڭلادېش زىيارىتىگە ئالاقىدار تەسىراتى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىق توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە بىر ئانا، بىر ئايال ۋە بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاب قىلىۋاتىمەن. ھېچقانداق بىر  ئېتنىك مىللەتكە ۋە دىنغا ئايرىمچىلىق قىلمايدىغان، ھەممە بىرلىكتە ئىنسانچە ياشىيالايدىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىش مەجبۇرىيىتمىز بار دەپ قارايمەن. ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار تارتىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر