دائېشنى تازىلاش ھەرىكىتىگە 40 مىڭ ئەسكەر قاتناشتى

تەخمىنەن 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تۈركمەن شەھىرى تەلافەرنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چېگراغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

791215
دائېشنى تازىلاش ھەرىكىتىگە 40 مىڭ ئەسكەر قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتىروللۇقىدىكى تۈركمەن شەھىرى تەلافەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتكە تەخمىنەن 40 مىڭ ئەسكەر قاتناشتى.

مۇسۇل ئورتاق ھەرىكىتى قوماندانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پولكاۋنىك ئەھمەد ئەل جۇبۇرى تەلافەر شەھىرى چېگراسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى سانىنىڭ 40 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇبۇرى ھەرىكەتكە قاتناشقان قىسىملارنىڭ ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئالاھىدە ئەترىتى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئىراق فېدېراتسىيە ساقچى قىسمى، جىددىي ھەرىكەت ئەترەتلىرى ۋە ئىراق ئارمىيەسىنىڭ 9 - بىرونىۋېك قىسمىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇبۇرى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى مەزھەپ ئايرىمچىلىقى بىلەن تونۇلغان ھاشدى شابى قىسىملىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭغا قارار ماقۇلايدىغان كىشىنىڭ ئىراق ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋە باش مىنىستىر ھەيدەر ئەل ئىبادى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر