بىر دەرەخ 11 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

بىر دەرەخ توپلاشقان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 35 كىشى يارىدار بولدى.

790892
بىر دەرەخ 11 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پورتۇگالىيەنىڭ مادېرا ئارىلىدا بىر دەرەخ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان مادېرا ئارىلىنىڭ فۇنچال رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى دىنىي فېستىۋال جەريانىدا بىر دەرەخ توپلاشقان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 35 كىشى يارىدار بولدى.  

يورتۇگالىيە تېلېۋىزىيەسى«RTP» تەخمىنەن 200 ياشقا كىرگەن دەرەخنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر ئارىسىدا 2 كىچىك بالىنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارالدىكى ئەڭ چوڭ پائالىيەتلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ۋە 14 – ئاۋغۇستتىن 15 – ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلگەن «نوسسا سېنخورا دو مونتە فېستىۋالى»دا، ئارال خەلقى فۇنچال رايونىدىكى بىر چىركاۋنىڭ ئالدىغا توپىلىشىپ پائالىيەت قىلاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر