پەلەستىنلىكلەر مەسجىد دەرۋازىسىدىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى قەتئىي رەت قىلماقتا

شەيىخ ئىكرىمە سابرى: «ئەگەر ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ تاشلىمايدىكەن، كۈندىلىك نامازلاردىن باشقا يەنە، جۈمە نامازلىرىنىمۇ يوللاردا ئوقۇيمىز» دېدى.

773560
پەلەستىنلىكلەر مەسجىد دەرۋازىسىدىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى قەتئىي رەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاسلانلى دەرۋازىسى ئالدىدا خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇۋاتقان جامائەتكە، نامازدىن كېيىن قىلغان قاتتىق مۇداخىلىسى جەريانىدا يارىدار بولغان مەسجىدى ئەقسانىڭ خەتىبى شەيىخ ئىكرىمە سابرى بالنېستتىن چىقتى.

شەيىخ ئىكرىمە سابرى بالنېستتىن چىقىپ ئۆيىدە ئارام ئېلىش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بەردى.

شەيىخ ئىكرىمە سابرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئېلېكترونلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق مەسجىدى ئەقسانىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا پەلەستىن خەلقىنىڭ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقى بىلدۈرۈپ: «قۇددۇس خەلقى مەسجىدى ئەقسانى قوغداشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھەرەم شەرىپنىڭ دەرۋازىسىغا بىكىتكەن ئېلېكترونلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى رەت قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان نارازىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەر ئېلىپ تاشلانغا قەدەر مەسىجىدى ئەقسانىڭ يوللىرىدا ناماز ئوقۇشنى توختاتمايدۇ» دېدى.

شەيىخ سابرى ئەگەر ئىسرائىلىيە جۈمە كۈنىگىچە بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ تاشلىمايدىغان بولسا پەلەستىن خەلقىنىڭ كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«چۈنكى بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىق بولىدۇ. بىزمۇ بۇ يەردىن مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز ۋە باشقۇرۇلىشىنىڭمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز. ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك خوجايىنلىق ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىمىز. ئەگەر تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئېلىپ تاشلانمايدىكەن، جۈمە نامازلىرىنىمۇ يوللاردا ئوقۇيمىز، ئەگەر چىرايلىقچە ئېلىپ تاشلىسا، بىزمۇ نامىزىمىزنى ھەرەم شەرىپتە ئادا قىلىشنى باشلايمىز، بۇ مېتال تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا مەسجىدى ئەقساغا ئېغىر مۇداخىلە قىلغانلىقتۇر. ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك خوجايىنلىق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىمىز.»

شەيىخ سابرى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا دائىر مەسئۇلىيەتلىرىنى ئورۇندىمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «بىز ئەرەب دۇنياسىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا نىسبەتەن سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلانماقتىمىز، چۈنكى ئىنتايىن ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز،  پۈتۈن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

مەسىجىدى ئەقسانىڭ مەككە ۋە مەدىنەگە ئوخشاشلا مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «چۈنكى ئەقسا يالغۇز پەلەستىنلىكلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭدۇر. ھېچ بولمىغاندا مەككە ۋە مەدىنەگە ئوخشاشلا مۇقەددەستۇر. بۇنىڭ جاۋابكارلىقى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يەرنى كۆرمەسكە سېلىشى قەتئىي جائىز ئەمەس. مەسجىدى ئەقساغا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئېشلىتىشى ۋە ناھەق بەلگىلىمىلەردىن ۋاز كەچۈرىشى لازىم» دېگەنلەرنىمۇ سۆلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاسلانلى دەرۋازىسى رايونىدا جامائەتكە مۇۋازىنەتسىز كچ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ خاتىبى شەيىخ ئىكرىمە سابرىنىڭ يارىدار بولۇشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

مەھمەت گۆرمەز مەسجىدى ئەقسانىڭ خاتىبى شەيىخ سابرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىدار بولغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن بايانات ئېلان قىلدى.

مەھمەت گۆرمەز باياناتىدا: «بۇ كېچە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن مەسجىدى ئەقسانىڭ تىنچلىق ئەلچىسى، قۇددۇسنىڭ سابىق مۇفتىسى ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ خەتىبى ئىكرىمە سابرىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن» دېدى. 

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز مەسجىدى ئەقسادا ۋە ئەتراپىدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەر قانداق مۆتىدىل، تىنچلىقپەرۋەر ئىنساننى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر