دائېشنىڭ قولىدىكى تۈركمەنلەرنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى

دائېش تېررورچىلىرىنىڭ تېلافەردە 17 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن جايدىكى ئېلىكتىر تۈۋرىكىگە ئېسىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

767011
دائېشنىڭ قولىدىكى تۈركمەنلەرنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان تېلافەر ناھىيەسىدىكى تۈركمەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىخەرتەر كارىدور ئېچىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى.

ئىراق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش مەركىزى مۇسۇلغا ئالاقىدار ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دائېش تېررورچىلىرىنىڭ تېلافەردە 17 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن جايدىكى ئېلىكتىر تۈۋرىكىگە ئېسىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئوچۇق ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىقتۇر» دېيىلدى.

ئىراق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش مەركىزى دائېشنىڭ تېلافەردىن بىخەتەر جايلارغا قېچىشقا تىرىشقان تەخمىنەن 200 گە يېقىن تۈركمەننى تۇتۇۋېلىپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كوللىكتىپ ھالدا ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېلافەردە قاپسىلىپ قالغان پۇقرالار ھەققىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ناھىيەدىكى پۇقرالارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كارىدورى ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى فېرونتى مۇئاۋىن باشلىقى ۋە كەركۈك پارلامېنت ئەزاسى ھەسەن تۇرانمۇ ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادىغا مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىپ، تېلافەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ۋە پۇقرالارنى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغداش كېرەكلىكىنى جىكىلىدى. 

ھەسەن تۇران خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭمۇ دائېشنىڭ ناھىيەدىكى نۇقتىلىق نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە پۇقرالار ئۈچۈن بىخەتەر كارىدور ئېچىپ، پاناھلانغۇچىلار لاگىرىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر