ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى تەبرىكلەنمەكتە

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بۈگۈنكى كۈندە دوستلىرىغا ئىشەنچ بەخش ئېتىپ، دۈشمەنلىرىگە ۋەھىمە سېلىپ كەلمەكتە.

759723
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولۇپ قالغان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ھەم رايوننىڭ ھەم ئەزەربەيجاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. 

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 1918 – يىلى 26 – ئىيۇندا ئەزەربەيجان خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارارى بىلەن رەسمىي قۇرۇلغان ئىدى.

1920 – يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تارقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، 1991 – يىلى مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن قايتىدىن رەسمىي قۇرۇپ چىقىلغان ئىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئاران 5 كىشىلىك ئارمىيە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، 130 مىڭدىن كۆپرەك ھەربىي خادىمىي ۋە ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە قۇرۇغلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن دوستلىرىغا ئىشەنچ بەخش ئەتمەكتە شۇنداقلا دۈشمەنلىرىگە ۋەھىمە سېلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر