خان سارىيىدا چوڭ بولغان پەيغەمبەر

خان سارىيىدا چوڭ بولغان پەيغەمبەر: مۇسا ئەلەيھىسسالام.

729564
خان سارىيىدا چوڭ بولغان پەيغەمبەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا پىرئەۋن ۋەلىد ئىسىملىك زالىم پادىشاھ ئۆتكەنىدى. ئۇ بىر كېچىسى چۈشىدە قۇددۇس تەرەپتىن كەلگەن چوڭ بىر ئوت كۆردى. بۇ ئوت پۈتكۈل مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە چېقىلمىدى.

 پىرئەۋن ئەتىسى ئەتىگەن دەرھال بارلىق سىھىرگەرلىرى ۋە پالچىلىرىنى سارىيىغا يىغىپ ئۇلارغا:

-  ماڭا دەرھال بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىڭلار، - دېدى. سىھىرگەرلەر چۈش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى پىرئەۋنگە مۇنداق بايان قىلىشتى:

- ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدە بىر ئايال پات يېقىندا بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ ئوغۇل سىلىنى ۋە پادىشاھلىقلىرىنى يوق قىلىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان پىرئەۋننىڭ كۆزى قانغا تولدى ۋە دەرھال ئەسكەرلىرىگە ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدە يېڭى تۇغۇلغان بارلىق ئوغۇل بوۋاقلارنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. پىرئەۋننىڭ ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا تۇتۇش قىلدى.

مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق ۋە ۋەھىملىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدە ئاللاھقا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان بىر مۇمىن ئايال مۇسا ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا پىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن ئەنسىرەپ ئوغلى مۇسانى قانداق يوشۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇردى.

ئاللاھ تائالا مۇسانىڭ ئانىسىغا: «بۇ بالا كەلگۈسىدە پەيغەمبەر بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك سەن بالاڭنى بىر ساندۇق ئىچىگە سېلىپ، نىل دەرياسىغا قويۇۋەتكىن، ئۇنىڭ سۇدا غەرق بولۇشىدىن قەتئىي ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن»، دەپ خۇش خەۋەر بەردى.

مۇسانىڭ ئانىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئوغلىنى ساندۇققا سېلىپ نىل دەرياسىغا قويۇپ بەردى. سۇ دولقۇنلىرى بۇ ساندۇقنى پىرئەۋننىڭ خان ئوردىسى تەرەپكە قاراپ ئېقىتىپ ماڭدى، مۇسانىڭ ئاچىسىمۇ ساندۇقنىڭ ئىزىدىن قوغلاپ ماڭغان ئىدى. ساندۇق خان ئوردىسىغا كەلگەندە توختىدى.

 دەل شۇ ۋاقىتتا بىر چاكار ساندۇقنىڭ ئىچىدە بىر بوۋاقنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە دەرھال خانىشنىڭ قېشىغا قاراپ يۈگۈردى. ئاسىيە ئىسىملىك خانىش دىندار ۋە ئاق كۆڭۈل ئايال ئىدى. بوۋاقنى كۆرگەن خانىشنىڭ قەلبى ھاياجاندىن تىترەپ ئۆز - ئۆزىگە: «بۇ بالىنى ياخشى كۆرمەسلىك مۇمكىنمۇ؟» دېگەچ مۇسانى پىرئەۋننىڭ قېشىغا ئېلىپ ماڭدى.

پىرئەۋننىڭ بوۋاقنى سارايدا ئېلىپ قالغۇسى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ خانىش بوۋاقنى يېنىدا ئېلىپ قېلىپ ئۆز بالىسىدەك قارىدى. بوۋاق ھېچكىمنىڭ سۈتىنى ئەمگىلى ئۇنىمايتتى. تەقدىرنىڭ چاقپىلىكى مۇسانىڭ ئانىسىنى پىرئەۋننىڭ خان ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى. كىچىك مۇسا ئانىسىنى قانغۇچە ئەمدى. شۇنداق قىلىپ، ئانا - بالا بىر يەرگە جەم بولدى. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا مۇسانىڭ ئانىسىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنى ئوغلى بىلەن جەم قىلدى.

ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ناھايىتى زىرەك، قاملاشقان يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى سىرتقا چىقتى. كوچىدا ئىككى كىشىنىڭ جېدەل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بەكرەك بوزەك بولغان كىشىگە ياردەم قىلماقچى بولغان مۇسا ئەلەيھىسسالام، قارشى تەرەپكە بىر مۇشت ئاتقان ئىدى، ئۇ كىشى يەرگە يېقىلىپ ئىككىنچىلەپ ئورنىدىن تۇرالمىدى.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلۈم بىلەن جازالاشنى قارار قىلدى. پىرئەۋننىڭ نىيىتىنى بىلىپ قالغان مۇسا ئەلەيھىسسالام شەھەرنى تاشلاپ مەديەن شەھىرىگە كەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە ياشانغان بىر مويسىپىت كىشىنىڭ قويلىرىنى باقتى، بۇ مويسىپىت كىشىنىڭ قىزلىرىدىن بىرى بىلەن ئۆيلىنىپ بالىلىق بولدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام مەديەندە ئون يىل ياشىغاندىن كېيىن بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ مىسىرغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلدى. پايانسىز چۆل - جەزىرىلەردىن كېچىپ مىڭ بىر مۇشەقەتتە تۇر تېغىغا يېقىن جايغا جايلاشقان تۇۋا ۋادىسىغا يېتىپ كەلدى. 

كېچە بولۇپ كەتكەن ئىدى، ھەر تەرەپنى قاراڭغۇلۇق پەردىسى قاپلاپ كەتتى، بىر تەرەپتىن قاتتىق يامغۇر ياغسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شىددەتلىك چاقماق چېقىۋاتاتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغانىدى. دەل شۇ چاغدا بىر تاغنىڭ ئېتىكىدە كۆيۈۋاتقان ئوتنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئايالىغا: «بۇ جايدا ساقلاپ تۇرغىن! ئۇ تەرەپتە ئوت كۆرۈۋاتىمەن. بەلكىم قەيەردە ئىكەنلىكىمىزنى بىلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس، ياكى بولمىسا بىزنى ئىسسىتىدىغان بىر نەچچە پارچە ئوتۇن تاپارمەن» دەپ نۇر تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.

مۇسا ئەلەيھىسسالام نۇر بار يەرگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ۋە كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان كۈچلۈك نۇر ئىدى. ئاللاھ تائالا شۇ چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نىدا قىلدى:

- ئەي مۇسا! مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ بولىمەن. سېنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدىم. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكى يېرىلىپ كېتەي، دەپ قالدى. بىر ئازدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن مۇسا ئەلەيھىسسالام:

_ يا رەببىم! ھازىر ئاڭلىغان ئاۋاز سېنىڭمۇ، ياكى پەرىشتىلىرىڭدىن بىرىنىڭمۇ؟،- دېدى. ئاللاھ ئاتالا:

_ ساڭا نىدا قىلىۋاتقان مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بولىمەن، ھازىر سەن زالىم پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن ۋە ساڭا ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا بۇيرۇقلىرىمنى يەتكۈزگىن، - دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەزىپە تاپشۇردى.

بۇ قىسسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھ مۇھاپىزەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم يوق قىلالمايدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ يوق قىلماقچى بولغان كىشىنى ھېچكىم قوغداپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىگە سەمىمىي ھالدا يۆلىنىپ ئىشگەنگۈچىلەرگە چوقۇم نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر