تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 21.04.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

717834
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 21.04.2017

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ئەردوغان 16 – مايدىن 17 – مايغىچە بولغان ئارىلىقتا ترامپ بىلەن كۆرىشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «A News» تېلېۋزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن 16 – مايدىن 17 – مايغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرىلشىدىغان تېمىلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋىشىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكىمىز بولغان ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن قايغۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «ھۆرمەتلىك ترامپ ئوبامانىڭ قىلالمىغىنىنى قىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا رەسمىيەت جەھەتتىن بىرەر قارارنىڭ ئېلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىمىز. ئەسەد بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى، سۈرىيە خەلقى قوللايدىغان بىر شەخس بىلەن ۋاقىتلىق بىر ئورگان قۇرۇپ چىقىشنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىنى جىكىلەپ كەلدۇق. ھازىر شۇنداق بىر مەزگىلگە قاراپ ئىلگىرىلەش بار» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، «غەربكە ھۇجۇم قىلمايدىغانلا بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ھېسابلانمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: 

جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بىر پىروگراممىدا بەرگەن باياناتىدا، مەزھەپ خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى. تېررورلۇق مەسىلىسىنى پەقەتلا دائېش ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتلىرى بىلەنلا چەكلىك قاراشنىڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «غەرب دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلا بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. پ ك ك تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغانغا ئوخشاش، پ ي د ۋە ي پ گ سۈرىيە خەلقىگە زۇلۇم قىلىش بىلەن بىرگە سۈرىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولغاچقىلا ئۇلار ئانچە ئىتېبارغا ئېلىنمايدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئەردوغان ئەرەبلەرنىڭمۇ رەھبىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتىكى سايىنت جۇسېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىلىملەر فاكولتېتى پىروفېسسورى جانا جاببۇر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەرەب دۇنياسىدىمۇ «رەھبەر» دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. جاببۇر: «ئاساسلىق كۆپ ساندىكى ئەرەبلەر ئەردوغاننى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۈممەت ئۈچۈن بىر ئۈمىد دەپ قارايدۇ. غەربكە كۆكرەك كېرىش ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ داۋاسىنى قوللاش جاسارىتىدىن تولىمۇ مەمنۇن» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن مەبلەغلەر شانلىئۇرفاغا كېلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى.

باش مىنىستىرلىق سېبىنمىلارنى قوللاش ۋە تونۇتۇش ئاگېنتلىقى بىلەن قاراچاداغ تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ ئورتاق ئورۇنلاشتۇرۇشى سايىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىن 50 كارخانىچى يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق ساھەسى بويىچە شانلىئۇرفادا ئېكىسكۇرسىيەدە بولدى. پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن يىزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق ساھەسىدىكى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە بۇ دۆلەتلەردىن رايونغا مەبلەغ جەلپ قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەرەب كارخانىچىلار ۋىلايەتلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

سىتار گېزىتى، «ساياھەتتە سېلىنمىلار ئۈچۈن تېلېفون مۇلازىمەت تورلىرى ئارتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى. ئىستانبۇل ساياھەت شىركەتلىرى ۋە سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى ئىدارىي كومىتېتى كېڭىشى باشلىقى ھەسەن بايرام رىفېراندۇم (ئەلرايى)دىن كېيىن ساياھەت ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشقانلار سانىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ساياھەت ئىشلىرى خاتىرجەم رايوننى ياخشى كۆرىدۇ. رىفېراندۇمدا قوللاش ئاۋازى يۇقىرى چىققانلىقى مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سايلامدىكى ئۇتۇقتىن كېيىن سېلىنمىلارنىڭ سۈرئىتى ۋە دۆلتىمىزگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بۇمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا زور تۆھپە بولىدۇ» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر