«خەلقئارا ياشانغانلار بايرىمى» كۈنى

«خەلقئارا ياشانغانلار بايرىمى» كۈنى مۇبارەك بولسۇن!

698758
«خەلقئارا ياشانغانلار بايرىمى» كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ھەر بىر ئىنسان تۇغۇلىدۇ، ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا تەبىئىي  ھالەتتە قېرىيدۇ. ئەگەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسەك، ھامان بىر كۈنى بىزمۇ قېرىيمىز. شۇڭا، باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئارزۇ قىلساق، ياشانغانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇلارنى قەيەردە ئۇچراتساق شۇ يەردە، جۈملىدىن مەيلى ئاپتۇبۇستا بولسۇن، مەيلى مېترودا بولسۇن، ئىنسانىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىز لازىم.

 «خەلقئارا ياشانغانلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئائىلىمىزدىكى چوڭلاردىن ھال – ئەھۋال سورىشىمىز، مېتورا، ئاپتۇبۇستا، باققالدا ۋە باشقا جايلاردا ئۇچراتقانلىكى ياشانغانلارغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن، بىر كۈن بولسىمۇ يۈزلەرچە ئىنساننىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالىشىمىز مۇمكىن.

«خەلقئارا ياشانغانلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ياشانغانلارغا بەخت – سائادەت تىلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر