ھېكمەتكە تولغان نەسىھەتلەر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (13)

698824
ھېكمەتكە تولغان نەسىھەتلەر

ھېكمەتكە تولغان نەسىھەتلەر

 

قال الله تعالى في كتابه الكريم:

وَلَقَدْ آتَيْنَا لُقْمَانَ الْحِكْمَةَ أَنِ اشْكُرْ لِلَّهِ وَمَن يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ

قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:

ألا تسمع إلى قول لقمانلابنه إن الشرك لظلم عظيم

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«قەسەمكى، بىز لوقمانغا ئۇنىڭ ئاللاھقا شۈكرى قىلىشى ئۈچۈن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق. كىمكى شۈكرى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ شۈكرىسى ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ، كىمكى كۇپىرلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، اﷲ بىھاجەتتۇر، ئۆز زاتى بىلەنلا مەدھىيىگە لايىقتۇر» (سۈرە لوقمان 12 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«لوقماننىڭ ئوغلىغا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرشنىڭ ئەڭ ئېغىر زۇلۇم (گۇناھ)  ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟» (بۇخارى)

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز قۇرئان كەرىمدە ئىسمىنى بىۋاستە تىلغا ئېلىپ مەدھىيەلىگەن زاتلارنىڭ بىرسى لۇقمان ئەلەيھىسسالامدۇر.  خۇتبىمىزنىڭ بېشىدا ئوقۇغان ئايەتتە ئاللاھ تائالا: «قەسەم بولسۇنكى، بىز لوقمانغا ئۇنىڭ ئاللاھقا شۈكرى قىلىشى ئۈچۈن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق» دەيدۇ. لۇقمان سۈرىسىدە لۇقماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن بىزگە خەۋەر بېرىدۇ. بىر دادا بىلەن ئوغلى ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت، ئىلىم ۋە ھېكمەت، شەپقەت ۋە مەرھەمەتنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قېنى ئەمىسە بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىغا قىلغان ۋە ھەر بىرى ھېكمەت، كۆيۈم – شەپقەت بىلەن تولغان نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالايلى! 

ئەزىز قېرىنداشلار! لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىغا قىلغان 1- نەسىھەتى تەۋھىد ئەقىدسى بولغان ئىدى. ئۇ بىردىن بىر ئارزۇلۇق ئوغلىغا «ئى قوزام! ئاللاھقا قەتئىي شېرىك كەلتۈرۈپ سالمىغىن، چۈنكى شېرىك ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر» دېگەن بولۇپ، دەرھەقىقەت ئىنسان ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇللۇق قىلسا، ھەم ئاللاھقا ھەم ئۆزىگە ئەڭ چوڭ زۇلۇمنى قىلغان بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ 2 - نەسىھەتى، ئاتا - ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئىدى. چۈنكى ئانا پەرزەنتىنى قاتمۇ - قات مۇشەققەتلەر بىلەن قورسىقىدا كۆتۈرۈپ يورىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائا ئالاھىدە جىكىلەپ: «ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكرى قىلغىن، ئاخىرى قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر. ئەگەر ئاتا – ئاناڭ بىرەر نەسىنى ماڭا شېرىك قوشۇشقا مەجبۇر قىلسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن! لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا يۈزلەنگەنلەرنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاخىرى قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەر بېرىمەن» دېگەن ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ 3 - نەسىھەتى، «زەررىچىلىك ياخشىلىقىڭ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەرگىز زايا بولمايدۇ. قىلچىلىك يامانلىقىڭمۇ ھېسابسىز قالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ پۈتۈن مەخپىي شەيئىلەرنى بىلغۇچىدۇر، بارلىق شەيئىلەردىن تولۇق خەۋەرداردۇر» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. 

لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ 4 - نەسىھەتى بولسا، «قوزام! نامازنى توغرا ئوقۇغىن!» دېيىش بولغان ئىدى. چۈنكى ناماز بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىباردىتىمىزدۇر.  دۇنيانىڭ تۈگىمەس – پۇتمەس قىيىنچىلىقلىرى بىلەن بۇرۇقتۇملاشقان قەلبلىرىمىزنىڭ راھىتىدۇر. ھەر خىل مۇشەققەتلەر بىلەن چېچىلغان زىھنىمىزنىڭ ئارام ئېلىشىدۇر. رەھىم شەپقەتلىك پەرۋەردىگارىمىز بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كاتتا ئۇچرىشىشىمىزدۇر.

 لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ 5 - نەسىھەتى، «ئۇغلۇم ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقىن» دېگەن سۆزى ئىدى. چۈنكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھەر دائىم ياخشىلىقنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ، يامانلىققا بويۇن ئەگمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر.

لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ 6 - نەسىھەتى، «ئوغلۇم! بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋرچان بولغىن!» دېگەن سۆزى ئىدى. يەنى، ھەق ۋە ھەققانىيەت يولىدا سەۋرچانلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىغا قىلغان 7 - نەسىھەتى، كىبىرلەنمەسلىك ۋە كەمتەر بولۇش بولۇپ، «ئوغلۇم! تۆۋەن كۆرۈپ قوشۇماڭنى تۈرگەن ھالدا كىشىلەردىن يۈز ئۆرىمىگىن! يەر يۈزىدە غادىيىپ يۈرمىگىن! چۈنكى ئاللاھ مەنمەنلىكنى ماختانچاقلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن ئىدى.

لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىغا قىلغان 8 - نەسىھەتى،  كىشىنىڭ ھەددىنى بىلىشى، ئىنساننىڭ ئۇلۇغ مەرتىۋە بىلەن يارىتىلغانلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقى ئىدى. «ئوغلۇم! يول يۈرگەندە تەبىئىي بولغىن! ئاۋازىڭنى تۆۋەن قىلغىن! چۈنكى ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يىرگىنىشلىكى ئۇلاغلارنىڭ ئاۋازىدۇر» دېگەن ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزغا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بىزلەرنى رەھمەت ۋە بەرىكەت پەسلى ھېسابلىنىدىغان مۇقەددەس 3 ئايلارغا يەتكۈزدى. ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى رەجەب ئېيىنىڭ تۈنجى كۈنىگە قەدەم قويغان بولىمىز. پەيشەنبە كۈنى ھەممىمىز بىرلىكتە رەغائىب قاندىلىمىزنى كۈتىۋالىمىز. رەغائىب قاندىلىڭلار ھازىردىن باشلاپلا مۇبارەك بولسۇن، بۇ 3 ئاينىڭ ھەممىمىزنىڭ ياخشىلىقىغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمىز. 

ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەققىي ئىسلامنىڭ رۇھى بىلەن يۇغۇرۇلغان مۆئمىنلەردىن قىلسۇن! ئامىن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر